
فىرانسۇز تىلى دۇنيادىكى چوڭ تىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھىندى-ياۋروپا تىللىرى سېستىمىسى رومان تىللىرىنىڭ ئوتتۇرا رومان تىلى گورۇپپىسىغا تەۋە. دۇنيادا 87 مىلىيون ئادەم فىرانسۇز تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا 190 مىلىيوندىن ئارتۇق كىشى ئىشلىتىدۇ(ئىككىنجى تىل سۈپىتىدە). فىرانسۇز يېزىقى يەنە ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورگان يېزىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. فىرانسىيە فىرانسۇز تىلى بىلەن كانادا فىرانسوز تىلى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ فىرانسۇز تىلى تارمىقى ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا پەرىقلەر چوڭ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

تورداشلار بەلكىم بۇ رەسىمنى كۆرۈپ قانداق PS ئۇستىسى ياسىغاندۇ دەپ ئويلىغان بولىشى مۇمكىن. ئالدىرىماڭ، بۇنى 4 ياشلىق بالىمۇ قىلالايدۇ. پەقەت سىز ئۆزىڭىز مۇشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولغان رەسىمنى كىرگۈزسىڭىزلا مۇشۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز ئەلۋەتتە. تۆۋەندە بۇ ئاجايىپ ئىقتىدارغا ئىگە توربەتنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.
داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز بولسا سىزنىڭ تىل سەۋىيەرىڭىزنىڭ ئاڭلاپ يېزىش ئىقتىدارىنى سىناشقا ۋە ئۇنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى تېگىدىغان توربەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز. سىز بۇ توربەتكە كىرىپ تىزىملىتىپ سىناشنى باشلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددى بولۇپ بەزىلىرىنى قىسقا تېكىستنى ئوقۇپ بېرىپ سىزدىن بەزەن سۆزلەرنى بوش ئۇرۇنغا تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بەزىلىرىدە بولسا سىزگە بىر قىسقا جۈملىنى ئوقۇپ بېرىپ شۇنى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇ جۈملىنى يېزىپ بولغىچە ئارلىقتا قايتا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

ئىزدەش ماتورى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئۇسۇلى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولسا Google بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگودا بەيدۇ، ئۇيغۇرلاردا يول، ئىزدە، تىزتاپ… . ئىزدەش ماتورىغا توربېتىمىزنى قوشقاندا SEO يەنى Search Engine Optimization نى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بېكىتىمىزنى ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە SEO نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرقانداق بىر توربەت قۇرغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بىلەن 20 دىن ئارتۇق ئىزدەش ماتورىغا بىكىتىمىزنى قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

بۇ قېتىم تورداشلارغا خەنچە توربەتلەردە ۋە چەتنىڭ توربەتلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان شۇنداقلا ئۇيغۇرچە توربەتلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدىغان چۈشۈرۈش بەلگىسىنىڭ بىرقانچە خىل قېلىپىنى ئېلىپ كەلدىم، سىز بۇنىڭغا PhotoShop تىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيسىز. ئېنگىلىزچە Upload نى يوللاش، Downloadنى چۈشۈرۈش دەپ تەرجىمە قىلىپ ۋە PhotoShop تا ئۇيغۇرچىغا ئۆزگەرتىپ ئۆزىڭىزنىڭ توربېتىدىكى چۈشۈرۈش دىگەن سۆزنى ئىشلەتكەننىڭ ئورنىغا بۇ رەسىملىك چۈشۈرۈش بەلگىسىنى ئىشلەتسىڭىز ئوڭايلا زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىيالايسىز. داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

كۆپۈنچى ۋاقىتلاردا بەزەن بىكەتلەردە رەقەملىك سائەت ياكى تام سائىتىنى ئۇچرىتىمىز، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز يارىشىملىق Flash سائەتلەر بولۇپ سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا ۋە خاركتېرىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىرەرسى ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. بۇ بىكەتتە 60قا يېقىن Flash سائەت تەمىنلەنگەن بولۇپ سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرغاننى بىكىتىڭىزگە قويسىڭىز بولىدۇ. ئورۇنتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى بولۇپ بىكەت تەمىنلىگەن كودنى سىز كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە قويسىڭىز يارىشىملىق Flash سائەت ئۈنىمىگە ئېرىشەلەيسىز. Flash سائەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى 3 خىل ھالەتتە تەڭشىيەلەيسىز. بۇ سىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىزغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

ئامازون تورى(Amazon.com) بولسا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىتاب سېتىش توربىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا 3مىلىيون 100مىڭدىن ئارتۇق كىتاب مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ غايەت زور كىتاب بازىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئامازون تورىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت تۈسى بولسا سېتىش ۋە مۇلازىمەتتىن ئىبارەت. ئامازون تورىدا 1600دىن ئارتۇق خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئوتتۇرچە كىتاب سېتىش پۇلى 375مىڭ دوللاردىن توغرا كېلىدۇ.
داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

تەڭرىتاغ تورى تېخى يېقىندا يولغا قويغان ۋە تارقاتقان <<بۆشۈك>> نامىدىكى تور ژورنىلى تېخى كۆپۈنچەيلەنگە تونۇش بولمىسا كېرەك. ئىلگىرى ئىگىلىك تورى تارقاتقان ئىقتىسادقا ئائىت <<ئىگىلىك تور ژورنىلى>>، ۋە ئىنتىل قاتارلىق توربەتلەر تارقاتقان كومپىيوتېرغا ئائىت تور ژورناللىرىدىن كېيىن يەنە بىر ئىنتايىن ياخشى بېسىلغان قەدەم بولۇپ ھېسابلىندۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈكسەلنىڭ قۇرۇشىدىكى <<ئەلداۋا ساغلاملىق تورى>> نورۇز كۈنى تارقاتقان <<ئەلداۋا ساغلاملىق تور ژورنىلى>>مۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. يۇقارقى تور ژورناللىرى خەلقىمىزنىڭ ھەرخىل ساھەدىكى بىلىملەردىن سېستىمىلىق ھالدا پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ياخشى بولغان شارائىت بىلەن تەمىنلىدى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

توربەتنى چىرايلىق كۆرسىتىش ۋە ئۇنىڭدىكى يېڭىلىقلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىنتايىن سىپتا ۋە گۈزەل بولغان شەكىلدە ئىپادىلىگىمىز كېلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ خىل شەكىلدىكى ئېلان تەشۋىق رەسىمى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. يېقىندا قۇرۇلغان ئەلكۈيى مىكرو بىلوگىنىڭ باش بېتىدىن بۇ خىل ئىلمىنىتنى ئۇچرىتالايمىز ئەلۋەتتە. ئەگەر سىز بۇ خام ماتېرىيالدىن ياخشى پايدىلىنالىسىڭىز ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ بىكىتىڭىزگە ماسلاشتۇرالىسڭىز ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ماتېرىيالنىڭ PSD نۇسخىسى بېرىلگەن بولۇپ سىزنىڭ لايىھە ئىشلىرىڭىزگە قولايلىق ئېلىپ كەلگۈسى! داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! چەۋەندازلار بىلوگى قۇرۇلۇپ 4 يىلدىن ئاشقان مابەينىدە بېشىدىن نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ قەدىمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 2011-يىلى رەسمى مۇستەقىل نام ۋە بوشلۇقتىكى چەۋەندازلارنىڭ يېڭى بېتىگە كۆچۈپ WordPress تىكى يېڭى ھاياتىنى باشلىدى. بۇ جەرياندا چەۋەندازلار دەسلىپىدە ئۇيغۇربەگ تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبنى قىسقا مۇددەت ئىشلەتكەندىن كېيىن ئەلشاتنىڭ تەرجىمە قىلىشىدا Snatch ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەن ۋە IE6 توركۆرگۈچىدە نورمال كۆرۈنمەسلىك سەۋەبىدىن قىستۇرما ئارقىلىق پىرېستان تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبنى مەخسۇس چەۋەندازلارنىڭ IE6دە زىيارەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئىدۇق. ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتۈپ چەۋەندازلار ئۆزى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى بىر قوللۇق ئېنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىپ ۋە تەڭشەپ چىقتى.
داۋامىنى ئوقۇش

ساقلاڭ
يېقىنقى ئىنكاسلار